ۋىللېستاد
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى گوللاندىيىگە قاراشلىق كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى ھەم مۇھىم پورت شەھىرى. بۇ شەھەر كيورا - سو ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى سانت ئاننا قولتۇق بويىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇ شەھەر 1634 - يىلى سېلىنغان. ھازىر ئۇ گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئاراللىرىنىڭ مۇھىم سودا ھەم سانائەت مەركىزى، شۇنداقلا ئاتاقلىق ئەركىن پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە چوڭ تىپتىكى زامانىۋىلاشقان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، ۋېنېسۇئېلا ھەم كولومبىيىدىن ئىمپورت قىلغان نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدۇ. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى بولۇپ، غايەت چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ، ۋېنېسۇئېلاننىڭ ماراكايىبو رايونىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىتنى ئالماشتۇرۇپ يۆتكەش بېكىتى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدە گوللاندىيىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان قۇرۇلۇشلار، چېركاۋلار (1769 - يىلى سېلىنغان)، كونىشەھەر خارابىلىرى، مۇزېيلار، شۇنداقلا غەربىي يېرىم شار بويىچە ئەڭ قەدىمىي يەھۇدى دىنىنىڭ چېركاۋى (1732 - يىلى قۇرۇلغان)، قۇل سودا بازىرىنىڭ قالدۇقلىرى بار. ۋىللېستاد شەھىرى گوللاندىيىگە قاراشلىق ئانتىل ئاراللىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.