ھۇرون كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ بىرى بولۇپ، ئوتتارىئو كۆلى بىلەن مىچگان كۆلىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئا ق ش بىلەن كانادا بۇ كۆلدىن ئورتاق پايدىلىنىدۇ. كۆلىمى 5960 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 60 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 229 مېتىرغا يېتىدۇ. سۇ يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى 177 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ كۆل سۇسىنت مارى سۇ يولى ئارقىلىق سۇبلېر كۆلى بىلەن، ماكىنا سۇ يلى ئارقىلىق مىچگان كۆلى بىلەن تۇتىشىدۇ. سانتكلائىر قاتارلىق سۇ يوللىرى ئارقىلىق ئېرى كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. ھۇرون كۆلى بەش كۆل ئىچىدە قىرغاق لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، ئاراللىرى ئەڭ كۆپ كۆل ھېسابلىنىدۇ. كۆلنىڭ شەرقىي قىسمىدا يېرىم ئارال بىلەن ئاراللار ئۆزئارا يېقىنلىشىپ گېئورگىيە قولتۇقىنى شەكىللەندۈرگەن. كۆلنىڭ ئەتراپىدا ئوران، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. كۆلنىڭ ئەتراپى ئا ق ش نىڭ مۇھىم سانائەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. سانت كلائىر دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقى كانادانىڭ مۇھىم <خىمىيە سانائەت ۋادىسى> ھېسابلىنىدۇ. كۆل ئەتراپىدا بەي - سىتى (ئا ق ش)، ماكىنو (ئا ق ش)، سارنىيە (كانادا) قاتارلىق مۇھىم پورتلار بار.