UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەردالماتسىيە تاقىم ئارىلى

دالماتسىيە تاقىم ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر يۇگوسلاۋىيىنىڭ غەربىدىكى ئادرىياتىك دېڭىزدىكى كۆپ تاقىم ئاراللار بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق تاقىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى تەخمىنەن 2500 كۋادرات كىلومتېرغا يېتىدۇ. چوڭراق ئاراللاردىن براچى ئارىلى، خۋادو ئارىلى، كورچولا ئارىلى قاتارلىق ئاراللار بار. بۇ ئاراللاردىكى تاغ تىزملىرى دېڭىز قىرغاق لىنىيىلىرى بىلەن تەكشى سوزۇلغان. ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. قىش پەسلى يىللىق كېلىدۇ. كارستلىق يەر شەكىللىرى كەڭ تارقالغان. بۇ ئاراللاردا لىمون، ياغلىق زەيتۇن، ئۈزۈم قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا ساياھەتچىلىك راۋاجلانغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر