UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلاھور

لاھور

دۇنيادىكى شەھەرلەر پاكىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، ئۇ پاكىستان بويىچىلا ئەمەس دۇنيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق قەدىمىي دىنىي شەھەر. لاھور ھىندى دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى بولغان راۋى دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان. لاھور پاكىستاننىڭ مۇھىم سودا - سانائەت شەھىرى، ئۇ جايدا ماشىنىسازلىق، پاراۋۇز، خىمىيە سانائەت، كونسېرۋا، ئۇن، ياغ چىقىرىش، توقۇمىچىلىق، ئەينەك قاتارلىق تارماقلىرى بار. لاھور پاكىستاننىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، ئاتاقلىق قاتناش تۈگۈنى. لاھوردىن ئىسلام ئاباد، پېشاۋار، ھولتان، لاياپورلارغا بارىدىغان تۆمۈر يول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى بار. لاھوردا بىرنەچچە يۈز مەسچىت بار، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر رايونىدىكى پادىشاھ مەسچىتى دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق چوڭ مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە يەنە پەنجاپ داشۆسى، سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى، شال تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار بار. لاھور ئۆزىنىڭ ئەڭ قەدىمىي دىنىي شەھەر بولۇشى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، ھازىر بۇ شەھەردە 2 مىليون 600 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە بار (1981).
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر