UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئۈمىد تۇمشۇقى

ئۈمىد تۇمشۇقى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئافرىقىنىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي كەڭلىك 34°21′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 18°30′ نىڭ تۇتاشقان يېرىگە توغرا كېلىدۇ. ئۈمىد تۇمشۇقى بىلەن كېيپتا ئۇن شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 52 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۈمىد تۇمشۇقىنىڭ غەربىي تەرىپىدە تېبىر قولتۇقى، شەرقىي تەرىپىدە فۇلىس قولتۇقى بار، بۇ ئىككى قولتۇق جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇھىم تەبىئىي پورتلىرى ھېسابلىنىدۇ. پورتۇگالىيىلىك ئېكسپىدىتسىيىچى دىئاز 1486 - يىلى بىرىنچى قېتىم ئافرىقىنى ئايلىنىپ ھىندىستانغا بارىدىغان سۇ يولىنى ئېچىش سەپىرىدە بۇ جايغا كەلگەن. ئۇ بۇ جايغا كەلگەندە قاتتىق دېڭىز بورىنىغا دۇچ كېلىپ، ئۇنىڭ قېيىقى بىر تۇمشۇق رايونغا ئىتتىرىلىپ چىقىرىۋېتىلگەن. دىئاز ئۆزىمۇ ھالاك بولۇشقا تاس قالغان، شۇڭا بۇ جايغا <بورانلىق تۇمشۇق> دەپ نام بەرگەن ھەمدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ يۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي پورتۇگالىيىگە قايتقان. 1495 - يىلى يەنە بىر پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى — ۋاسكو • دا • گاما پورتۇگالىيىدىن يولغا چىقىپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرىنى بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈپ ئاخىرى 1495 - يىلى <بورانلىق تۇمشۇق> نى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، 1497 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ھىندىستانغا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن پورتۇگالىيە پادىشاھىنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق ھىندىستانغا بارىدىغان سۇ يولىنى ئېچىش ئۈمىدى ئىشقا ئاشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ تۇمشۇقنىڭ نامىنى <ئۈمىد تۇمشۇقى> غا ئۆزگەرتكەن. ئۈمىد تۇمشۇق رايونى 1869 - يىلى سۇۋەيىش قانىلى قېزىلغىچە ئاسىيا بىلەن ئافرىقىنىڭ شەرقىي رايونلىرىدىن ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرگە بارىدىغان پاراخوتلارنىڭ بىردىنبىر مۇھىم سۇ يولى بولغان. سۇۋەيىش قانىلى قېزىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ تۇمشۇق رايونىنىڭ خەلقئارا سۇ قاتنىشىدىكى رولى، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ تۇرماقتا. ھازىر بۇ جايدىن يىلىغا 600-700 دىن ئوشۇق چوڭ تىپتىكى پاراخوتلار قاتناپ تۇرىدۇ. غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېھتىياجلىق نېفىتنىڭ % 70ى، باشقا خام ئەشيالارنىڭ % 30ى، يېمەك - ئىچمەكنىڭ %25 ى، ئامېرىكا ئىمپورت قىلىۋاتقان نېفىتنىڭ % 60دېگۈدەك بۇ رايوندىن ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئۈمىد تۇمشۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki