مانائۇس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
برازېلىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئامازون دەرياسى بىلەن نېگىرو دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان شەھەر، ئامازون شتاتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى، مانائۇس شەھىرى تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ناھايىتى مولك، شۇڭا ئۇنىڭ ئەتراپىنى ياپيېشىل ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل. مانائۇس 1669 - يىلى قۇرۇلغان، 1810 - يىلدىن باشلاپ بۇ رايونلاردا كاۋچۇك ئۆستۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ ئورۇننىڭ دائىرىسىمۇ كېڭەيگەن. برازېلىيە ھۆكۈمىتى بۇ جاينىڭ مول تەبىئىي بايلىقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 1967 - يىلدىن باشلاپ بۇ جاينى ئەركىن سودا رايونى قىلىپ بەلگىلىگەن. شەھەر ئاھالىسى 1968 - يىلدىكى 200 مىڭدىن كۆپىيىپ، 700 مىڭغا يەتتى. مانائۇس شەھىرى ھازىر ئامازون دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا پورتىغا ئايلاندى. شەھەردە نې:فىت ئايرىش، كاۋچۇك، كۆن - خۇرۇم، بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكترون، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە ئالىي مەكتەپلەر، ئامازون تەتقىقات ئورنى، ئۆسۈملۈك، ھايۋاناتلار باغچىلىرى، خەلقئارا ئايرودروم قۇرۇلدى. شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، قاتناش - ترانسىپورتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ، برازېلىيىنىڭ مۇھىم بىر ساياھەت ئورنىغا ئايلاندى.