UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپاتاگونىيە ئېگىزلىكى

پاتاگونىيە ئېگىزلىكى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئېگىز تەكشىلىك بولۇپ، ئۇ شىمالدا كولورادو دەرياسىدىن تارتىپ جەنۇبتا ماگاللان بوغۇزىغا سوزۇلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000 مېتر ئەتراپىدا كېلىدىغان ئاندىس (پاتاگونىيە تاغلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرققە قاراپ پەلەمپەي شەكلىدە تەدرىجىي پەسلەپ ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. پاتاگونىيىنىڭ ئىقلىمى سالقىن خاراكتېرلىك قۇرغاق ئىقلىم بولۇپ، كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 مىللىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ئارگېنتىنانىڭ مۇھىم چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىدىكى رىۋاداۋىيە رايونى ئارگېنتىنانىڭ مۇھىم نېفىت رايونى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
پاتاگونىيە ئېگىزلىكى | UyghurWiki | UyghurWiki