نوۋاكشوت
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). نوۋاكشوت ئەسلى قۇملۇقتىكى سودا يولىغا جايلاشقان كىچىك بىر يېزا بولۇپ، 1958 - يىلدىن كېيىن كېڭىيىپ يېڭى بىر شەھەرگە ئايلانغان. شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپىنى قۇملۇق ئوراپ تۇرىدۇ، دائىم دېگۈدەك بوران چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ جايغا خاسانىيە خەلقلىرى ئۆز تىلىدا <نوۋاكشوت - بوران ئېغىزى> دەپ نام بەرگەن. 1960 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ماۋرىتانىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 1978 - يىلدىن كېيىن چوڭقۇر سۇلۇق پورت قۇرۇلغان. ھازىر شەھەردە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، شېكەرنى ئاساس قىلغان سائانەت ئورۇنلىرى، گىلەمچىلىك كارخفنىسى، قۇشخانا، گۆشنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت ئورۇنلىرى، خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار.