چاگوس تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ھىندى ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تاقىم ئاراللار بولۇپ، چوڭراق بەش ئارال ۋە باشقا ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئورنى جەنۇبىي كەڭلىك °5-° 8بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق °71-° 73لار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. شىمالىي قىسمى مالددىۋېس بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 400 كىلومېتر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق مەيدانى 110 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 1600 دىن ئوشۇق بولۇپ، نېگىرلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپى دىگوگاتسىيە، پىروس بانغۇس، سالومېن قاتارلىق ئۈچ ئارالغا ئولتۇراقلاشقان. بۇ ئاراللار تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى باغلاپ تۇرىدىغان مۇھىم سۇ يولى ئۈستىگە جايلاشقانلىقتىن ستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. 1836 - يىلى دارۋېن بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1810 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ماۋرىتىئۇسنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1965 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى يېرى قىلىپ ئايرىلغان. ھازىر بۇ جايدا ئا ق ش نىڭ ئالاقىلىشىش مەركىزى، مۇھىم دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى، ئوكيان پاراخوتلىرىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى بار. بۇ جايدىن پالما يېغى، پالما قۇرۇقى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.