غەربىي ئافرىقا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى، شەرقىي چاد كۆلى، جەنۇبىي گۋېنىيە قولتۇقىغا قەدەر سوزۇلىدۇ، غەربىي تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ رايون ئافرىقا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون. ئاھالىنىڭ ئىرقىي تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، نېگىرلار پۈتۈن ئاھالىنىڭ %85 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسى تەخمىنەن 160 مىليوندىن ئاشىدۇ (1983). غەربىي ئافرىقا ماۋرىتانىيە، غەربىي سەھرا، كانار، سېررالىئون، گامبىيە، يېشىل تۇمشۇق، مالى، نېگىر، نېگىرىيە، بوركىنافاسو، بىنىڭ، توگو، گانا، كوتى دې ئىۋوئىر، لىبىرىيە، سېنېگال، گۋېنىيە، گۋېنىيە بىساۋۇ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي ئافرىقا گېئولوگىيىلىك جەھەتتىن لىبىرىيە قالقىنىنى يادرو قىلىدۇ، يەر ئۈستى تەكشىرەك، دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان ئورۇنلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200-500 مېتىر ئارىلىقىدا كېلىدۇ، يەر ۋەزىيىتى ئېگىزرەك بولغان گۋېنىيە ئېگىزلىكىدىكى ئايرىم تاغ چوققىلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېتىردىن ئاشىدۇ. غەربىي ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسمى تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقتىن، ھاۋاسى ئومۇميۈزلۈك ئىسسىق بولىدۇ. بىراق ھەرقايسى ئورۇنلىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى ئوخشاش بولمايدۇ. گۋېنىيە قولتۇق بويلىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. گۋېنىيە ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ ھۆل - يېغىنى 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. غەربىي ئافرىقا جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى، ساۋانت بەلبېغى ۋە چۆللۈك ئىقلىمىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىقلىم بەلبېغىغا بۆلۈنىدۇ.