ئاپپالاچىيە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئەڭ قەدىمىي تاغ، ئۇ شىمالدا نېۋفائوندلېندنىڭ غەربىدىن باشلىنىپ، كانادانىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي ئالاباما شتاتىغا قەدەر 2600 كىلومېتردىن ئۇزۇنراق سوزۇلىدۇ. كەڭلىكى 300-600 كىلومېتر كېلىدۇ. تاغ ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ئويمانلىقلار، دەريا ۋادىلىرى بار. ئەڭ ئېگىز بولغان مىتچېل چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2037 مېتر كېلىدۇ كېلىدۇ. ئاپپالاچىيە ئاق ش نىڭ ئەڭ كونا ھەم ئەڭ ئاساسىي كان رايونى، بۇ جايدا ئورمان كۆپ، كۆمۈر دۆلەت بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر، نېفىت، سىنك قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ مول. بۇ جايدىكى كان بايلىقلىرى ئاق ش نىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رۇل ئوينىماقتا.