UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئاسۋان

ئاسۋان

دۇنيادىكى شەھەرلەر مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى سانائەت شەھىرى، ئاسۋان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. قەدىمدە بۇ ئورۇن سوۋانۇ دەپ ئاتالغان، ئاسۋان مىسىرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يېڭىدىن كېڭىيىۋاتقان مۇھىم سانائەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 246 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا 1971 - يىلى ئاسۋان سۇ ئامبىرى (ناسىر سۇ ئامبىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 520 كىلومېتر، كەڭلىكى 12 كىلومېتر كېلىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى چوڭ سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىرى، 16 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتر سۇ ساقلىنىدۇ) ۋە ئاسۋان سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان سانائىتى، قاتناش ترانسپورت، يېزا - ئىگىلىك ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. بۇ جايدىكى ئېلېكتر ئىستانىسى قاھىرە شەھىرىگە قەدەر بولغان ئورۇنلارنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ (ئاسۋان ئېلېكتر ئىستانىسىنىڭ توك ئېنېرگىيىسى پۈتۈن مىسىر توك ئېنېرگىيىسىنىڭ 1/4 نى تەشكىل قىلىدۇ). ئاسۋان مىسىرنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى. بۇ جايدا ھازىر توقۇمىچىلىق، شېكەر، خىمىيە، كۆن - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئاسۋان شەھىرى ئەتراپىدا چوڭ تۆمۈر كانى بار. بۇ جاينىڭ تۆمۈر رۇدىسى مىسىرنىڭ خىلاۋان پولات - تۆمۈر زاۋۇتىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئاسۋان مىسىرنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدا نىل دەرياسى دېلىتىسىدىكى قاھىرە، ئالېكساندىرىيە شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئاسۋان شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى غايەت زور سۇ ئامبىرىدا قاتناش قىلىشقا، بېلىقچىلىق قىلىشقا بولىدۇ. ئاسۋان سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا قىشلىق دەم ئالىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاسۋان | UyghurWiki | UyghurWiki