UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمىنداناۋ ئارىلى

مىنداناۋ ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر فىلىپپىننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ ئارال. مەيدانى تەخمىنەن 94 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 12 مىليون 740 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). ئارالنىڭ دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى بەك كېسىلگەن بولۇپ، يېرىم ئاراللار، قولتۇقلار ناھايىتى كۆپ. شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان تاغلار بىلەن تۈزلەڭلىكلەر ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەن. ئابويا يانار تېغى دۆلەت بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا بولۇپ، 2953 مېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھاۋاسى ئىسسىق بولىدۇ، كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا مانىلا كەندىرى، پالما، شال، كۆممىقوناق، تاماكا، كوفى، ئاناناس قاتارلىق زىرائەتلەر ۋە ئورمان ئۆستۈرۈلىدۇ. تۆمۈر، ئالتۇن، خروم، نېكىل، مىس، كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. سانائەتتە خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات - تۆمۈر، ياغاچ ھەم يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ئارالداداباۋ، زامبانگا قاتارلىق مۇھىم پورتلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
مىنداناۋ ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki