ياقۇتسكى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ شەرقىدىكى ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. ياقۇت شەھىرى لېنا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 152 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979)، بۇ شەھەر 1632 - يىلى لېنا دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە سېلىنغان قورغان ئاساسىدا كېڭەيگەن، 1642 -، 1643 - يىللىرى دەريانىڭ غەربىي تەرىپىگە كۆچكەن. بۇ شەھەر ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدا كۆن - خۇرۇم، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. ياقۇتسكى شەھىرى لېنا دەرياسى بويىدىكى مۇھىم دەريا پورتى.