UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرنىكوبار تاقىم ئاراللىرى

نىكوبار تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىندىستاننىڭ بېنگال قولتۇقى بىلەن ئاندامان دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جفيلاشقان تاقىم ئاراللىرىدىن ئىبارەت. شىمالىي °10 بوغۇزى ئارقىلىق ئاندامان تاقىم ئاراللىرىدىن (ئارىلىقى تەخمىنەن 120 كىلومېتىر كېلىدۇ) ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككى چوڭ تاقىم ئاراللار بىرلىشىپ بىۋاسىتە ھىندىستاننىڭ مەركىزىگە قارايدۇ. جەنۇبتا ھىندۇنېزىيىنىڭ سوماتېرا ئارىلىدىن 167 كىلومېتىر يىراق تۇرىدۇ. نىكوبار تاقىم ئاراللىرى چوڭ - كىچىك 18 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئارالدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. مەيدانى 1831 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 22 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاساسىي ئاراللىرى چوڭ نىكوبار، كىچىك نىكوبار، تار نىكوبار قاتارلىق ئاراللاردىن ئىبارەت. بۇ ئاراللارنىڭ يەر شەكلى ئېگىز - پەس، ھاۋاسى ئىسسىق، نەم بولۇپ، كۆپرەك پۇرۇپكا دەرىخى بىلەن پالما دەرىخى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئورمانلىقلاردا مايمۇن، ياۋا چوشقا، بوغما يىلان ۋە باشقا خىل يىلانلار ياشايدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق پالما، سىپارى، بانان، شېكەر قومۇشى، كۇلى بېھىسى قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. بۇ ئاراللارنى 1869 - يىلى ئەنگلىيە ئىگىلىگەندىن كېيىن سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان ئورۇن قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
نىكوبار تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki