شارى دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇھىم ئىچكى دەريا. باش مەنبەسى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىدىن باشلىنىدىغان ئاۋك دەرياسى، بامىنگې دەريالىرىدىن تەشكىل تاپقان. بۇ ئىككى دەريا قوشۇلۇپ چاد تېررىتورىيىسىگە ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن سارىخ ئەتراپىدا ناۋام، سالامات دەريالىرى بىلەن قوشۇلۇپ داۋاملىق غەربىي شىمالغا ئېقىپ ئىنجامىنا شەھىرىنىڭ يېنىدا لوگون دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ چاد، كامېرون دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ چاد كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. چاد كۆلىگە قۇيۇلۇش رايونىدا دېلتا تۈزلەڭلىك شەكىللەندۈرگەن. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1400 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 650 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دەريا ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 1222 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ (بۇنىڭ %45 ى لوگون دەرياسى تەمىنلەيدۇ) چاد كۆلى سۇ مەنبەسىنىڭ 3/2 قىسمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. دەريا ئاغزىدىن يۇقىرى ئېقىمغا قاراپ 800 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. دەريا ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، پاختا، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.