ئاپىيە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى غەربىي سامۇئانىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئۇپولۇ ئارىلىدىكى شىمالىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 34 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، شەھەر 1850 - يىلى دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنى بويلاپ سېلىنغان. 1966 - يىلى ئاپىيەنىڭ تۆت كىلومېتر شەرقىدە چوڭقۇر سۇلۇق پرىستان قۇرۇلغان، 40 كىلومېتر غەربىدە خەلقئارا ئايرودروم سېلىنغان. ئاپىيە — غەربىي سامۇئانىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى، سۇ يوللىرى، ئارالدىكى شەھەر — جىڭلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قۇرۇقلۇق يوللىرى بار. شەھەرنىڭ ئۈچ كىلومېتر غەربىي شىمالدىكى مولىنو يېرىم ئارىلىدا رەسەتخانا قۇرۇلغان. ئاپىيە پورتى ئارقىلىق پالما، بانان، كاكائو، كوفي قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ.