قىزىل - ئوردا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت قازاقىستانىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر، قىزىل - ئوردا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئڭ ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 156 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). بۇ جاي 1820 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە مۇھىم قورغان بولغان، 1925 -، 1929 - يىللىرى قازاقىستاننىڭ مەمۇرىي مەركىزى بولغان. ھازىر قازاقىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى. سانائەتتە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى بىلەن يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. يەنە قەغەز مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش بىرلەشمە كارخانىسى بار. شەھەر يېنىدىكى سىر دەريا بويىغا سۇغىرىش ئىنسائاتلىرى قۇرۇلغان، شەھەر رايونىدا شال قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ.