UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتىتوگراد

تىتوگراد

دۇنيادىكى شەھەرلەر يۇگوسلاۋىيىنىڭ قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى. رىملىقلار مىلادى 2 - ئەسىردە ئاھالە پونكىتى قۇرغان بولۇپ، بۇنى دۇكلىيا دەپ ئاتىغان، كېيىن سلاۋىيانلار بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن پودگورىتسا دەپ نام قويغان، بۇ <تاغنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى شەھەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ شەھەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى تىتونىڭ رەھبەرلىكىدە قايتا قۇرۇلغان. شەھەر نامى 194 - يىلى تىتوگراد (تىتو شەھىرى) دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر بۇ شەھەر خېلى زامانىۋى سانائەت شەھىرىگە ئايلاندى. شەھەردە 100 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە بار. شەھەردە ئاليۇمىن تاۋلاش، توقۇمىچىلىق، تاماكا، مېتالچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە يەنە ئالىي مەكتەپلەر، مۇزېيخانىلار، چېركاۋلار، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىتوگراد | UyghurWiki | UyghurWiki