ئەنقەرە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تۈركىيە قۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەنقەرە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، تۈركىيە بويىچە ئىستامبولدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر، ئەنقەرە ئاناتولىيە ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ساكاىيە دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئەنقەرە دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئەنقەرە تۈركىيىنىڭ پايتەختى ھەم قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 13 - ئەسىردىلا شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان خېتى خەلقلىرى كىچىك شەھەرچىلەرنى قۇرغان، ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئورۇننى <ئەنكۋا> ياكى <ئانگورا> دەپ ئاتىغان. يەنە بىر خىل ئىزاھ بويىچە بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 700 - يىللاردا سېلىنغان. بۇ شەھەرنى ئۇ ۋاقىتتا بىرگىيە پادىشاھى مىداس سالدۇرغان. مىداس بۇ جايدا تۆمۈر ئىلمەكنى ئۇچراتقان، شۇڭا بۇ جايغا ئانكر دەپ نام قويغان بۇ نام ھىندى — ياۋروپا تىلىدىكى <ئانك> (ئىلمىكى بار، تۇمشۇقى بار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ شەھەرنىڭ كونا نامى <ئانگو> — كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ شەھەرنىڭ كونا نامى <ئانگورا> بىلەن ھازىرقى نامى <ئەنقەرە> نىڭ كېلىپ چىقىش ئاساسلىرى ئوخشايدۇ. ئەنقەرە شەھىرى رىم — ۋىزانتىيە، ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە مۇھىم سىياسىي، سودا مەركىزى بولغان. بۇ شەھەرنى 1930 - يىلغىچە غەرب دۆلەتلىرى ئانگورا دەپ ئاتاپ كەلگەن. 1930 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەھەر نامىنى <ئەنقەرە>غا ئۆزگەرتكەن. ئەنقەرە 1920 - يىلىدىن بۇرۇن كىچىك بىر شەھەر ئىدى. 1923 - يىلى دۆلەتنىڭ پايتەختى ئىستامبولدىن ئەنقەرەگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ناھىتى تېز بولدى. 1960 - يىللاردا شەھەر ئاھالىسى 450 مىڭ ئەتراپىدا بولسا، ھازىر كۆپىيىپ 2 مىليون 800 مىڭدىن ئاشتى. ئەنقەرە شەھىرى ھازىر ئىستامبولدىن قالسا ئىككىنچى ئىقتىسادىي مەركەزگە ئايلاندى. شەھەر ئەتراپىدا بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر، ھەرخىل مېۋە، سەي، ئۈزۈم ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائەت جەھەتتىن ئىستامبول، ئىزمىر، ئادانا قاتارلىق شەھەرلەردىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ جايدا ھاراق ئىشلەش زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى، ياغ زاۋۇتى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، سېمونت، يۇڭ توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەش قاتارلىق يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلغان سانائەت تارماقلىرى بار. ئەنقەرە شەھىرى يېڭى ۋە كونىشەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كونىشەھەر كىچىك ئېدىرلىقلار ئۈستىگە سېلىنغان، يېڭى شەھەر كونىشەھەرنىڭ شەرقى، جەنۇب، غەرب تەرەپلىرىگە سېلىنغان بولۇپ، بۇ قىسمىدا ئىمارەتلەر رەتلىك، ھەممە قۇرۇلۇشلار ياۋروپا پاسونىدا سېلىنغان. بۇ جايدىكى دۆلەتلىك كېڭەش بىناسى، ھۆكۈمەت بىناسى، باش ئەلچىخانىلار رايونى، پارلامېنت مەھكىمىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار شەھەرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ ئاساسىي كوچىسى بولغان >ئاتا تۈرك< كوچىسىدا مىللەتلەر چوڭ مەيدانى، غالىبىيەت مەيدانى، قىزىل يېڭى ئاي مەيدانى قاتارلىق مەيدانلار بار. ئەنقەرە دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا مۇ