ئوخرىد كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئالبانىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە چېگرىسىغا جايلاشقان. مەيدانى 365 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 12 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى 286 مېتىر بولۇپ، بالقان يېرىم ئارىلى بويىچە ئەڭ چوڭقۇر تىكتونكالىق كۆل ھېسابلىنىدۇ. ئوخرىد كۆلى پرېسپا كۆلىدىن 160 مېتىر پەس ئورۇنغا جايلاشقانلىقتىن، پرېسپا كۆلىنىڭ سۈيى يەر ئاستى ئۆڭكۈرى ئارقىلىق ئوخرىد كۆلىگە ئېقىپ كىرىپ تۇرىدۇ. كۆلنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، كۆل ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان ساياھەت ھەم دەم ئېلىش ئورۇنلىرى سېلىنغان. كۆل سۈيىدىن ئالبانىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئورتاق پايدىلىنىدۇ.