مىدۋاي ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان مارجان ئارال. ئۇ شىمالىي كەڭلىك 28°13′ بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق 177°23′ سىزىقلىرىنىڭ كېسىشكەن يېرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئارال شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارالغا مىدۋاي (ئوتتۇرا ئارىلىقتىكى ئارال) ئارىلى دەپ نام بېرىلگەن، بۇ ئارال ئېئاستېرن (شەرقىي ئارال) ۋە ساند ئارىلى (قۇملۇق ئارال) دىن ئىبارەت ئىككى كىچىك ئارال ۋەئ ۇلارنىڭ شىمالىدىكى ېتيىز سۇلۇق كۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئارالنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 4.7 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ساند ئارىلىنىڭ مەيدانى 3.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 43 مېتىر كېلىدۇ، شەرقىي ئارالنىڭ مەيدانى 1.2 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 13 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى 2300 دىن ئاشىدۇ، ئۇ شىمالىي تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن. 1903 - يىلىدىن باشلاپ ئا ق ش نىڭ مۇھىم دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئا ق ش بىلەن ياپونىيە بۇ جايدا قاتتىق سوقۇشقان. ھاۋاي بىلەن فىلىپپىن ئارىلىقىغا تارتىلغان دېڭىز ئاستى ئېلېكتر سىمى مۇشۇ جايدىن ئۆتىدۇ.