برىسبان
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا، برىسبان دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان شەھەر، ئاۋسترالىيىنىڭ كۋىنسىلېند شتاتىنىڭ مەركىزى، دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ دەريا پورتى. شەھەر بىلەن شەرقتىكى دېڭىز ئارىلىقى 22 كىلومېتر كېلىدۇ، تاسمان دېڭىزىنىڭ مورېتون قلتۇقى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 958 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، ئاۋسترالىيە بويىچە سىيىدنې ۋە مېلبورىن شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەھەر 1824 - يىلى قۇرۇلغان، شەھەر بولۇشتىن ئىلگىرى سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىدىغان بىر جاي بولغان. ھازىر ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم سودا ھەم قاتناش مەركىزىگە ئايلاندى، شەھەردە شېكەر سانائىتى، يۇڭ توقۇمىچىلىق، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كونسېرۋا، ماشىنا قۇراشتۇرۇش، ياغاچ ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ جاي ئارقىلىق قوي يۇڭى، گۆش، شېكەر، مىس ۋە قەلەي قاتارلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ.