ھۇدەيداھ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئەرەب يەمەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى. ئۇ يەمەننىڭ پايتەختى سانادىن 155 كىلومېتىر غەربكە جايلاشقان. بۇ ئىككى شەھەر تاشيول ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ. ھۇدەيداھ پورتى 19 - ئەسىرگە كەلگەندە مۇخا پورتىنى بېسىپ ئۆتۈپ، دۆلەت بويىچە بىرىنچى چوڭ پورتقا ئايلاندى. شەھەردە چىگىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، چوڭ تىپتىكى ئېلېكتر ئىستانسىسى بار. ھۇدەيداھ پورتىنىڭ شىمالىدىكى كاتىپ دېگە جايدا 1961 - يىلدىن باشلاپ چوڭقۇر سۇلۇق يېڭى پورت قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ھۇدەيداھ پورتىنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن.