قونجىراپ تاغ ئېغىزى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى بىلەن كەشمىر ئارىلىقىدىكى تاغ ئېغىزى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4700 مېتىر كېلىدۇ. قەدىمكى <يىپەك يولى> مۇشۇ جايدىن ئۆتكەن، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق يولىنىڭ مۇھىم بىر ئۆتكىلى بولغان. 1978 - يىلى ياسالغان قاراقۇرۇم تاشيولى بۇ جاينى بېسىپ ئۆتۈپ، پاكىستانغا تۇتىشىدۇ. قونجىراپ تاغ ئېغىزى يالغۇز جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارىلىقىدىكى مال ئالماشتۇرۇش، بېرىپ - كېلىش ئىشىرى ئۈچۈنلا زور ئەھمىيەتلىك بولۇپ قالماي، بەلكى جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەم دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى 3 - دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بېرىپ - كېلىشى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتلىك بولماقتا.