تاللىن
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر بالتىق دېڭىزدىكى فىن قولتۇقىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر بالتىق دېڭىزدىكى فىن قولتۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، قەدىمدە <كولىۋام> دەپ ئاتالغان، كېيىن <رېۋېل> گە ئۆزگەرتىلگەن، شەھەر ئاھالىسى 464 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). تاللىن ئېستونچە سۆز بولۇپ، تائاننى (دانىيىنىڭ) ھەم لىننا (قەلئە، شەھەر دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، دانىيىنىڭ شەھىرى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1219 - يىلى دانىيىلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان، 1227 - يىلدىن 1346 - يىلغىچە دانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1917 - يىلىدىن ئىلگىرى رۇسچە رېۋېل دەپ ئاتالغان. تاللىن شەھىرى بالتىق دېڭىز بويىدىكى چوڭ تىپتىكى دېڭىز پورتى. تۆمۈريول ئارقىلىق موسكۋا، لېنىنگراد، رىگا شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. سانائىتى ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، نېفىت سانائەت ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، توقۇمىچىلىق سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇلاردىن باشقا، قەغەز، بېلىق مەھسۇلاتى بىلەن يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە ئېستونىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى، سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە ئېستونىيە پەنلەر ئاكادېميىسى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، 13 -، 14 - ئەسىرلەردە سېلىنغان قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، چېركاۋ قاتارلىق ئورۇنلار بار.