UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەردارۋېن

دارۋېن

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى، شەھەر ئاھالىسى 43 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەر ئاھالىسى ئىچىدە خەنزۇلار بىلەن جۇڭگولۇق مۇھاجىرلىرى خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. دارۋىن ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم سودا پورتى، ئاتاقلىق ھەربىي بازىسى. بۇ جايدا ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم دېڭىز، قۇرۇقلۇق ھەربىي بازىلىرى، ئاۋسترالىيىدىن ئاسىيا، ياۋروپا قىتئەلىرىگە بارىدىغان مۇھىم ئايرودورمى بار. دارۋىن شەھىرى تۆمۈريول ئارقىلىق جەنۇبتىكى بىردۇم شەھىرى ۋە دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. سۇ ئاستى تېلېگراف لىنىيىسى ئارقىلىق ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. دارۋىن پورتى ئارقىلىق ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىن ئېلىنىدىغان كان بايلىقلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە گۆش مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى تەرەققىي قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر