ۋىك ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا غەربىدىكى ئارال. شىمالىي كەڭلىك 191°8′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 166°35′ ئارىلىقىدىكى ۋىك قاتارلىق ئۈچ مارجان ئارىلىدىن تەشكىل تاپقان. قۇرۇقلۇق مەيدانى 9 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 300 دىن ئاشىدۇ (1980). بۇ ئارالنى 1568 - يىلى ياۋروپالىقلار تاپقان. 1796 - يىلى ئەنگلىيىلىك ۋىكنىڭ نامىغا ۋىك ئارىلى دەپ نام بېرىلگەن. 1898 - يىلى ئا ق ش ئىگىلىگەن، ئىككىنچى دۇنيدا ئۇرۇشىدا ياپون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئا ق ش قايتۇرۇپ ئالغان. ۋىك ئارىلى تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتىدىغان قاتناش لىنىيىسىدىكى مۇھىم پونكىت، ئارالدا 1939 - يىلدىن باشلاپ مۇھىم دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى سېلىنغان.