كارنا پۇلى سۇ ئامبىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
بېنگال دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى. بۇ سۇ ئامبىرى دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كارنا پۇلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا سېلىنغان، 1962 - يىلى پۈتكەن. مەيدانى 658 كۋادراتك ىلومېتىر كېلىدۇ، توسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 640 مېتىر، ئېگىزلىكى 40 مېتىرغا يېتىدۇ، تاشقىن سۈيىنى چىقىرىۋېتىش ئېرىقلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 227 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆل سۈيىدىن سۇغىرىش، قاتناش، توك ئېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. كۆل سۈيى بىلەن 400 مىڭ گېكتار يەر سۇغۇرىلىدۇ، 120 كىلوۋات توك ئېلىنىدۇ.