UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئامستېردام

ئامستېردام

دۇنيادىكى شەھەرلەر گوللاندىيىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، دۆلەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ پورت. شەھەر ئاھالىسى 994 مىڭ 62 كىشى (1984)، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 20 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جاي 12 - ئەسىردە كىچىك بىر بېلىقچىلىق كەنتى بولۇپ، 1296 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان، 14 -، 15 - ئەسىرلەردە شەرق بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مۇھىم پورت بولۇپ شەكىلەنگەن. 17 - ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپا بويىچە ئاتاقلىق پورتلارنىڭ بىرسىگە ئايلانغان، 19 - ئەسىردە يېڭى گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. ئامىستېردام شەھىرى 100 گە يېقىن ئۇششاق ئارال ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، 500 دىن ئوشۇق كۆۋرۈك، 50 دىن ئوشۇق قانال ئارقىلىق بىر - بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ قانال ئارقىلىق شىمالىي دېڭىز ھەم رېيىن دەرياسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. كۆتۈرۈش كۈچى يۈز مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغان ئوكيان پاراخوتلىرى 20 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى قانال ئارقىلىق شىمالىي دېڭىزدىن ئامىستېردام شەھىرىگفە كىرەلەيدۇ. شەھەرنىڭ سۇ قاتنىشى بەك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەر تەرەپكە قېزىلغان قاناللار ئارقىلىق باشقا چوڭ شەھەرلەر، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلالايدۇ. ئامىستېردام پورتى بىر يىلدا 17 مىليون توننىدىن ئارتۇق مالنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئامىستېردام گوللاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە، سودا - سانائەت ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەرنىڭ كېمىسازلىق، پولات - تۆمۈر، ماشىنسازلىق، ئېلېكترون، خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر