UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرشەرقىي ئافرىقا

شەرقىي ئافرىقا

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى جەنۇبىي كەڭلىك 12° تىن شىمالىي كەڭلىك 17° قىچە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرقىي قىسمىدىكى سومالى يېرىم ئارىلى <ئافرىقىنىڭ تۇمشۇقى> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ رايوننىڭ شىمالىي قىسمى قىزىل دېڭىز ھەم ئادېن قولتۇق سۈيى بىلەن، شەرقىي قىسمى ھىندى ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. غەربىي تەرىپى ئېپئوپىيە ئېگىزلىكىنىڭ غەربى بىلەن، شەرقى ئافرىقا چوڭ ئۈزۈلمە بەلبېغىغا قەدەر سوزۇلىدۇ. مەيدانى 3 مىليون 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئېپئوپىيە ئېگىزلىكى بىلەن شەرقىي ئافرىقا چوڭ ئۈزۈلمىسى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى ئافرىقىنىڭ ھەرقانداق رايونىدىن ئېگىز تۇرىدۇ. <ئافرىقىنىڭ ئۆگزىسى> دەپ ئاتالغان ئېپئوپىيە ئېگىز تەكشىلىكى شۇ رايونغا جايلاشقان. شەرقىي ئافرىقا ئېپئوپىيە، جىبوتى، سومالى، كېنىيە، ئۇگاندا، ھوۋاندا، بوروندى، تانزانىيە ۋە ھىندى ئوكياندىكى سېيشېلدىن ئىبارەت توققۇز دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ 3/2 قىسمىنى نېگىرلار، قالغان قىسمىنى ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر بىلەن سومالىلىق تەشكىل قىلىدۇ. شەرقىي ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم ئىچكى رايونلىرى ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. چۆللۈك ئىقلىم رايونى بىلەن يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم رايونىمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئىقلىمى بىلەن تەبىئىي بەلباغلىرى يەر شەكلىنىڭ ۋېرتىكال كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ پەرقلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
شەرقىي ئافرىقا | UyghurWiki | UyghurWiki