UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربۇرگان نېفىتلىكى

بۇرگان نېفىتلىكى

دۇنيادىكى شەھەرلەر كۇۋەيتنىڭ ئەڭ نېفىتلىكى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ بىرى. بۇ نېفىتلىك 1938 - يىلى تېپىلغان، ئومۇمىي نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 8 مىليارد 130 مىليون توننا بولۇپ، 1976 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر بۇنىڭ %22 نېفىتى ئېلىنغان، قالغىنى 6 مىليارد 340 مىليون توننىغا يېتىدۇ. نېفىت قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 1600 مېترغا يېتىدۇ. 330 دەك نېفىت قۇدۇقىدىن نېفىت ئۆزلۈكىدىن ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ جايدىن ئېلىنغان نېفىت تۇرۇبا ئارقىلىق كۇۋەيتنىڭ مىنا ئەخمەد پورتىغا يەتكۈزۈلۈپ پاراخوتلارغا قاچىلىنىپ چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىندۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر