UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربېرېبرا

بېرېبرا

دۇنيادىكى شەھەرلەر سومالى جۇھمۇرىيىتىنىڭ شىمالىي دېڭىز ياقىسىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ جايغا ھەرخىل تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كېلەلەيدۇ. ئاھالىسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ. ھازىر ئۇ، سومالىنىڭ مۇھىم سودا مەركىزى، بۇ جايدا ھەرخىل چارۋا مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدۇ، دۆلەت بويىچە سىرتقا چىقىرىدىغان تىرىك چارۋىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. يەنە تېرە، ئەرەب كاۋچۇكى قاتارلىق مەھسۇلاتلارمۇ سىرتقا چىقىرىلىدۇ. بېربېرانىڭ بېلىقچىلىق ئىشلىرى راۋاجلانغان. تاشيول ئارقىلىق بورا ۋە خارگېسا قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر