UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربالېئار تاقىم ئاراللىرى

بالېئار تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇ، مالىئوركا، مېنوركا، ئىۋيسادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئارالنى ۋە ئۇلار ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللار سىياسىي جەھەتتىن ئىسپانىيىگە قارايدۇ، ئاراللارنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 5014 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 558 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ ئاراللاردا قەدىمدىن باشلاپلا پىنكيە، كاتالون خەلقلىرى ياشاپ كەلگەن. بالېئار ئااللىرىنىڭ نامى قەدىمىي گرېكچە بالېئارېس سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، <تاش قوراللارنى ئىشلەتكۈچى كىشىلەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بالېئار ئاراللىرىدىكى يەرلىك خەلق قەدىمىي زاماندىن تارتىپلا ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا ماھىر پالاخمانلار سۈپىتىدە تونۇلغان. يەرلىك خەلقنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئاراللارنىڭ نامى بولۇپ قالغان. بالېئار ئاراللىرىنىڭ بەزى جايلىرى تۈزلەڭلىك، بەزى جايلىرى دۆڭلۈكلەردىن ئىبارەت. مالېئوركا ئارىلىدا ئېگىزلىكى 1400 مېتر كېلىدىغان تاغلىقلار بار. بۇ تاغلىقلار ئالىپ تاغ ياساش ھەرىكىتىدە شەكىللەنگەن. تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، ھاك تاش ۋە سىلانېتىس جىنىسلىرىدىن تۈزۈلگەن، ئاراللارنىڭ ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 400-600 مىللىمېترغا يېتىدۇ، ئۆسۈملۈك قاپلىمى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، چۆپلۈك، ئورمانزارلىقلىرى بار. ئارالنىڭ يېرىم مۇنبەت، دېھقانچىلىق تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا بۇغداي، ياڭيۇ، ياغلىق زەيتۇن، ئۈزۈم، ئۈرۈك، ئەنجۈر قاتارلىق زىرائەتلەر، مېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇ ئىسپانىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بالېئار تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki