UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئاۋسترىيە

ئاۋسترىيە

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 83 مىڭ 850 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، شەرقىي ئالپ تاغلىرى دۆلەتنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ تاغلىق پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 70 نى ئىگىلەيدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغان چوڭ گلوكنېر چوققىسى 3797 مېتر كېلىدۇ. بۇ جايدىكى تاغ چوققىلىرى تىك بولۇپ، مۇزلۇقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. دوناي دەرياسى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ. دوناي دەرياسى بويىدا ئاتاقلىق ۋېنا ئويمانلىقى بار. ئاۋسترىيىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. دۆلەتنىڭ قىشلىق ھاۋاسى يىللىق يازلىقى سالقىن بولىدۇ. تاغلىق رايونلار سوغۇق بولىدۇ. 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃1 دىن ℃5 قىچە، 7 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 17℃-19℃ بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 700-900 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ئاۋسترىيىنىڭ يېرى تاغلىق، ھۆل - يېغىنى خېلى كۆپ بولغانلىقتىن، دەريا، كۆللەر خېلى كۆپ، سۇ كۈچى بايلىقى مول، ئاۋسترىيىنىڭ ئاھالىسى 7 مىليون 555 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، بۇنىڭ % 99 نى ئاۋسترىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن سىلوۋېنىيە، خورۋاتىيە، چېخ، سىلوۋاك، ۋېنگر، ئىتالىيان قاتارلىق بار. ئاھالىنىڭ% 88 ى كاتولىك دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. نېمىس تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ۋېنا شەھىرى. ئاۋسترىيە 12 - ئەسىردىن باشلاپ كاروللۇق دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان، 13 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرگىچە خابوس پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1867 - يىلى ۋېنگرىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاۋسترو — ۋېنگرىيە ئېمېرىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋىسترو — ۋېنگرىيە ئېمپېرىيىسى تارمار بولغاندىن كېيىن 1918 - يىلى ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1938 - يىلى گېرمانىيە فاشىستى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1945 - يىلى گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئا ق ش، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەردىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بۆلۈپ ئىگىلىۋالغان. ئاۋسترىيە 1955 - يىلى يۇقىرىقى تۆت دۆلەت بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم بويىچە مەڭگۈ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1971 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئونارتقان. ئاۋسترىيە ھازىر خەلقئارا ئىشلاردا بىتەرەپلىك سىياسەت يۈرگۈزىدۇ. ئاۋسترىيە خېلى تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى، ئۇنىڭ مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، نېفىت خىميە، ئېلېكتر، توقۇمىچىلىق، قەغەز، ياغاچچىلىق سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاۋسترىيە ئاھالىسىنىڭ % 7.4 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ (1983)، يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مۇھىم ئىككى تارماق ھېسابلىنىدۇ. بۇغداي، قارا بۇغداي، ئۈزۈم، ياڭيۇ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنىدۇ. چارۋىچىلىقىدا سۈتلۈك، گۆشلۈك كالا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. ئاۋسترىيە تاغلىق دۆلەت. يېرىنىڭ 44.2% نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇك، ياز پەسلى ھەممە جايدا ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر ئۆسىدۇ، شۇڭا بۇ جاي <ئوتتۇرا ياۋروپا باغچىسى، ئورمانلىق دۆلەت> دەپ نام ئالغان. ئاۋسترىيىنىڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلغان. ھەر يىلى بۇ جايدا ساياھەت قىلىدىغانلار (چەت ئەللىك) 14 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ (1982)، ساياھەتچىلىك كىرىمى سىرتقى پېرېۋوتىنىڭ 1/3 نى تەشكىل قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاۋسترىيە | UyghurWiki | UyghurWiki