UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركولۇمبىيە دەرياسى

كولۇمبىيە دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى. بۇ دەريا كانادانىڭ جەنۇبىدىكى روكى تاغلىرىدىن باشلىنىپ، غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئا ق ش دىن ئۆتۈپ، تىنچ ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 1954 كىلومېترغا يېتىدۇ. كۆلىمى 668 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. سىناكى دەرياسى ئەڭ چوڭ تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. دەريا ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 7000 كۇب مېتر سېكونتقا يېتىدۇ. ئەتىياز، ياز پەسىللىرى ئېگىز تاغلاردىكى قار - مۇزلار ئېرىگەن مەزگىلدە سۈيى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، قىش پەسلى ئەڭ ئاز بولىدۇ. 1000 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى غول ھەم تارماق ئېقىنلىرىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، چوڭ ئوكيان پاراخوتلىرى دەريا ئاغزىدىن 150 كلومېتر يىراق ئورۇنغا جايلاشقان پورتلىند شەھەىرىگىچە كېلەلەيدۇ. دەريانىڭ سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى ناھايىتى مول، غول ھەم تارماق ئېقىنلىرىدا نۇرغۇنلىغان چوڭ - كىچىك سۇ قۇرۇلۇشلىرى بار، بۇ جايلاردا ھەرخىل تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان. چوڭ گورىي سۇ قۇرۇلۇشى بەك مەشھۇر بولۇپ، سۇ ئامبىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 233 كىلومېتر كېلىدۇ. سۇغىرىشى ھەم توك ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ توك تارقىتىش ئىقتىدارى بىر مىليون 960 مىڭ كىلۋات سائەتكە يېتىدۇ. ئېلېكتر قۇۋۋىتى، ئاليۇمىن تاۋلاش، كېمىسازلىق، ئاتوم ئېنىرگىيىسى بىرلەشمە كارخانىلىرى، ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. دەريادا تېز ئېقىنلىق ئورۇنلار، شارقىراتمىلار ھەم تار جىلغىلار ناھايىتى كۆپ. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا بېلىق تۇتۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
كولۇمبىيە دەرياسى | UyghurWiki | UyghurWiki