UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرگانگ دەرياسى

گانگ دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر غەربىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ دەريا بولۇپ، باش ئېقىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي باغرىدىن باشلىنىپ، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دېۋراياگ ئەتراپىدا ئالاكناندا دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن گانگ دەپ ئاتىلىدۇ. گانگ دەرياسى شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، بېنگالنىڭ ئلوتتۇرا قىسمىغا كەلگەندە، شىمالدىن ئېقىپ كەلگەن براخما پوترا دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، بېنگال قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. گانگ دەرياسىنى ھىندى خەلقلىرى <مۇقەددەس دەريا> دەپ ئاتايدۇ. ھەر يىلىنىڭ 1 -، 2 - ئايلىرىدا سۇغا چۆمۈلۈش بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2580 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 905 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. گانگ دەرياسى ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىندا كەڭ دائىرىلىك تۈزلەڭلىكنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ ھىندىستان بىلەن بېنگالنىڭ ئەڭ مۇھىم دېھقانچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا ئاساسلىق شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، سېرىق كەندىر، شېكەر قوڭمۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. گانگ دەرياسى ھىندىستاننىڭ مۇھىم سۇ قاتناش يولى بولۇپ، دەريالار قاناللار ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر