UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئېبرو دەرياسى

ئېبرو دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى دەريا بولۇپ، باش قىسمى كانتابرى تاغلىرىدىن باشلىنىپ، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ تورتوسا تۇمشۇقىدا يەر ئوتتۇرا دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 950 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 85 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئىسپانىيە بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدۇ. دەريانڭ تارماق دەريالىرى خېلى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە مېگرى، گالېگو قاتارلىقلار مۇھىم تارماقلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئېبرو دەريا ۋادىسىغا چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، سۇغىرىش ئىنشائاتلىرى سېلىنغان. بۇ دەريا ۋادىسىدىكى ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىشلەپچىقارغان توك پۈتۈن دۆلەت سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ % 17نى تەشكىل قىلىدۇ. دەريا ئاغزىدىن تورتوسا شەھىرىگىچە بولغان قىسمىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر