ھورمۇز بوغۇزى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
پېرسىيە (ئەرەب) قولتۇقى بىلەن ئومان قولتۇقى ئارىلىقىدىكى مۇھىم سۇ قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. بۇ بوغۇزدا كېشىم، خانگام ۋە ھورمۇز قاتارلىق ئاراللار بار. بوغۇزنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا بولغان ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر، تار جاينىڭ كەڭلىكى 48 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر جايى 219 مېتىر، ئەڭ تېيىز جايى 40 مېتىر كېلىدۇ.