UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمانىتوبا

مانىتوبا

دۇنيادىكى شەھەرلەر كانادانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر ئۆلكىسى. يەر مەيدانى 650 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 21 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۆلكە مەركىزى ۋىننىپېگ شەھىرى. 1670 - يىلى گودزون شىركىتى ئېلىسون دەريا ئاغزى بىلەن چېچىل دەريا ئاغزى رايونىدا بىر قەلئە قۇرغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى كېمە قاتنىشى بىلەن تۆمۈريول قاتنىشى باشلانغاندىن كېيىن تېرە، يۇڭ سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاق تەنلىكلەر بۇ جايغا كەلگەن. 1870 - يىلى ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ ئۆلكىدە تۈزلەڭلىكلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، يەر ۋەزىيىتى شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئېگىزلەپ بارىدۇ. ئۆلكىنىڭ پەقەت جەنۇبىي تەرىپىگىلا ئوتلاقلار تارقالغان، قالغان كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى ئورمان بىلەن تۇندرا بەلبېغى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۆلكىدە نېلسون، چېرچىل قاتارلىق دەريالار بىلەن ۋىننىپېگ، مانىتوبا قاتارلىق كۆللەر ناھايىتى كۆپ. ئوتلاق رايونلاردا ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جاي كانادانىڭ مۇھىم ئاشلىق رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن باشقا ئورمانمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. مانىتوبا ئۆلكىسىنىڭ كانچىلىق، قۇشخانا، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق چىقىرىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش، كىيىم - كېچەك سانائەت ئورۇنلىرى تەرەققىي قىلغان. مانىتوبا ئۆلكىسىنىڭ ئاساسىي سانائەتلىرى ۋىننىپېگ شەھىرىگە مەركەزلەشكەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر