UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرسىناي يېرىم ئارىلى

سىناي يېرىم ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر مىسىرنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر قىسمى، ئۇ ئەقەبە قولتۇقى بىلەن سۇۋەيش قولتۇقى ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى قىزىل دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 60 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 220 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ مەركىزى ئارىش شەھىرى. سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنى يەر ۋەزىيىتى تەكشى بولۇپ، دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئوتتۇرا قىسمىدىكى تېھ رايونى تاشلىق، شېغىللىقلارنى ئاساس قىلىدىغان چۆللۈكلەردىن ئىبارەت. ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى تور رايونىغا تاغلىقلار جايلاشقان، بۇ جايدىكى كاتېرىنا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2637 مېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ غەربىي جەنۇنىدىكى سۇۋەيىش قولتۇق بويلىرىغىمۇ تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. سىناينىڭ ئىقلىمى قۇرغاق خاراكتېرلىك چۆل ئىقلىم تىپىغاكىرىدۇ. ھاۋاسى ئىسسىق، ھۆل - يېغىنى ئاز بولىدۇ. ئۇ جاينىڭ ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تۆۋەن. سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئاھالە بىر قەدەر زىچ بولۇپ، ئۈزۈم، ئانار، ئۆرۈك، ئەنجۈر، قوغۇن، تاۋۇز، ئارپا، بۇغداي، تېرىق، ھەرخىل سەي، خورما قاتارلىق ھەرخىل زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، ئۆچكىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائەتتە جەھەتتە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى زور كۆلەمدە ئېچىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماگارادا رايونىدا يىلىغا 600 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كۆمۈرلۈك ئاچتى. مىسىر ھۆكۈمىتى زور مالىيە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، سىناينىڭ سانائەت يېزا ئىگىلىكىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تىرىشماقتا.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر