ئاندېس تاغلىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كوردىلېر تاغ سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق تاغ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تاغلار ئۆزئارا تەكشى ھەم دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئوخشاش يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي تەرىپىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقىي شىمالدىكى تىرىنىراد ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ جەنۇبىي ئوتلۇق يەر ئارىلىغا قەدەر 8900 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئەڭ كەڭ جاي 640 كىلومېتر كېلىدۇ. كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتردىن ئاشىدۇ. خېلى بىر قىسىم تاغ چوققىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 6000 مېتردىن ئاشىدۇ. تاغ چوققىلىرى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئاكونگاگۇئا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 6964 مېتر بولۇپ، ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. تاغنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەسرەك ھەم تار بولۇپ، مۇزلۇقلار، مۇزلۇق كۆللەر تەرەققىي قىلغان تاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئەڭ ئېگىز، تاغ ئارىسى ئېگىزلىكلەر بىلەن تاغ جىلغىلىرى ھىنگا مەدەنىيىتىنىڭ ماكانى ھېسابلىنىدۇ. شىمالدا تارماق تاغلار كۆپ، تاغ ئارىلىرىغا كەڭ ۋادىلار بىلەن پەس جايلار جايلاشقان. بۇ جايلاردا يانار تاغلار كۆپ بولۇپ، يەر تەۋرەش بولۇپ تۇرىدۇ. ئاندېس تېغىدىكى تۇپۇنگاتۇ يانار تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6800 مېتر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز تىرىك (ھەرىكەتتىكى) يانار تاغ ھېسابلىنىدۇ. ئاندېس تاغلىرى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان دەريالارنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ، زىچ ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. نېفىت، مىس، قەلەي، ئالتۇن، كۈمۈش، پلاتىنا، ۋىموت، ۋانادىي، گۈڭگۈرت، سېلىترا قاتارلىق كان بايلىقلقىرى مول.