UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلۇئاڭپراباڭ

لۇئاڭپراباڭ

دۇنيادىكى شەھەرلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى لائوسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم شەھەر، لۇئاڭپراباڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. ئاھالىسى 44 مىڭدىن ئاشىدۇ. 1975 - يىلدىن بۇرۇن پادىشاھ شۇ جايدا تۇرغان. بۇ جاي لائوسنىڭ مۇھىم بۇددا دىنى مەركىزى، بۇتخانىلار 30 دىن ئاشىدۇ. ئالتۇن، كۈمۈش، پىل چىشى، يىپەك مەھسۇلاتلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان قول سانائەت بۇيۇملىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شەھەر ئەتردا مىس، سۈرمە، قوغۇشۇن، سىنك، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. شەھەر يېنىدىكى دەريادىن كۆپ مىقداردا بېلىق تۇتۇلىدۇ، لۇئاڭپراباڭ شىمالىي لائوسنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى، نۇرغۇن يەرلىك مەھسۇلاتلار بۇ جايغا توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر