ئابۇدەبى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى پېرسىيە قولتۇقى بويىغا جايلاشقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ خەلىپىلىك. ئۇنىڭ مەيدانى 67 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 237 مىڭدىن ئوشۇق (1978) بولۇپ، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ئابۇدەبى خەلقى تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، دېھقانچىلىق رايونى ئاساسەن دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىققا مەركەزلەشكەن. بۇ جايلاردا خورما، بۇغداي، ئارپا، مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا تۆگە ئاساس قىلىنىدۇ. ئابۇدەبى خەلقى تارىختا مەرۋايىت ئېلىش بىلەن دۇنياغا داڭ چىقارغان. 60 - يىللاردىن باشلاپ ئابۇدەبىدىكى نېفىت دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي جان تومۇرىغا ئايلانغان. ئابۇدەبى زور مىقداردىكى مالىيە كىرىمگە تايىنىپ، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش زاۋۇتى، قەغەز زاۋۇتى، يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتى، قەغەز زاۋۇتى، يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتى قاتارلىق زاۋۇتلارنى قۇردى. ئابۇدەبىنىڭ مەركىزى — ئابۇدەبى شەھىرىنىڭ كۆلىمىمۇ ئۈچ ھەسسە كېڭىيىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندى. بۇ شەھەر جايلاشقان ئارال بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىسىغا كۆۋرۈك سېلىندى. ئابۇدەبى خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.