مانچېستېر
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ياۋروپادىكى ئەنگلىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان ئاتاقلىق پاختا توقۇمىچىلىق سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت مەركىزى، شەھەر ئاھالىسى 490 مىڭدىن ئاشىدۇ. چوڭ مانچېستېر شەھىرى ئەتراپىدىكى سالخورد، ستوكپورت، ئولدھېم، روچدېل، بۇرى، بولتون، ۋىگان، ۋاررىنكىتون قاتارلىق شەھەرچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 1287 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاھالىسى 2 مىليون 700 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). مانچېستېر 13 - ئەسىردىن تارتىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتى بىلەن ئەنلىيە بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ 1780 - يىلدىن باشلاپ 40 يىل ئىچىدە پۈتۈن دۆلەتتىكى پاختا توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ 4/1 نى ئىگىلىدى. ھازىرقى چوڭ مانچېستېر شەھەر رايونى ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ، ئاتاقلىق سانائەت رايونلىرىنىڭ بىرى. مانچېستېرنىڭ شەرقىي توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، بوياقچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، غەربىي ئېلېكتر ماشىنىلىرى ۋە باشقا ماشىنىسازلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ شەھەردە يەنە يېمەك - ئىچمەك، خىمىيە ۋە نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. مانچېستېر ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، چڭو قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدا 1830 - يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم سېلىنغان مانچېستېر لىۋىرپول تۆمۈر يولى ۋە باشقا نۇرغۇن تۆمنۈر يوللار بار. بۇ تۆمۈر يوللارنىڭ ھەممىسى مانچېستېر شەھىرىنى دۆلەتنىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ.