UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرفۇجىياما

فۇجىياما

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياپونىيىدىكى ئاتاقلىق يانار تاغ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3776 مېتىر بولۇپ، ئېگىزلىك جەھەتتە ياپونىيە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدىن 80 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبقا جايلاشقان. فۇجىياما تېغىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، تاغ چوققىسىدىن باشقا ئورۇنلىرى ياپيېشىل ئورمان، ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. تاغنىڭ ئېگىز قىسمىنى يىل بويى ئاپئاق قار - مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ تاغ چوققىسىدىن ئەتراپقا قاراپ ئاققان كىچىك تامرقا دەريالار ھەيۋەتلىك شاقىراتمىلارنى پەيدا قىلىدۇ. فۇجىياما ياپونىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى تاغ چوققىسىدا پارقىراپ تۇرغان ئاپئاق قار - مۇزلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ، تاغنىڭ ئېگىز قىسمىدىكى ۋولقان ئاغزىدا كىچىك بىر كۆل بار. فۇجىياما ياپونىيە بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ مەشھۇر يانار تاغ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە 781 - يىلدىن بۇيان خاتىرىلەنگەن ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، بۇ جايدا ئون نەچچە قېتىم چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭدىن داۋاملىق ئىس - تۈتەك چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا دۆلەت باغچىسى، ھاۋا رايىنى كۆزىتىش پونكىتى، ئاتاقلىق ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر