ياسسىي
دۇنيادىكى شەھەرلەر
رۇمىنىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر پرۇت دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان باخلۇئى دەريا بويىغا بويىغا جايلاشقان. ياسسىي 16 - ئەسىردىن باشلاپ مولداۋا كىنەزلىكىنىڭ مەكرىزى بولغان. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان <مەدەنىيەت شەھىرى> نامى بىلەن رۇمىنىيىگە تونۇلغان. ھازىر ياسسىي داشۆسى ئۇنىڭ مۇھىم سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. ياسسىي مەدەنىيەت سارىيى 1434 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، ياسسىي شەھىرى بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. ياسسىي شەھىرىدە رۇمىنىيە بويىچە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ياسسىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شۆبىسى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بار. ياسسىي رۇمىنىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، شەھەر ئاھالىسى 300 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەردە پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان.