ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي ياقىسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سامارىيە بىلەن يۇدېيادىن ئىبارەت ئىككى رايونغا توغرا كېلىدۇ. مەيدانى 5879 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). ئورنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. 1947 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى ب د ت نىڭ پەلەستىننى بۆلۈش ھەققىدىكى قارارىغا ئاساسەن بۇ رايون قۇرۇلماقچى بولغان ئەرەب دۆلىتىگە تەۋە ئىدى. 1948 -، 1949 - يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ رايون (ئىروسلىمنىڭ شەرقىي بىلەن) ئىئوردانىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1967 - يىلدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئىگىلىۋالغان. بۇ يەردە تاغلىقلار كۆپ بولۇپ، مۆتىدىل بەلباغ مېۋە - چېۋىلىرى، ئۈزۈم، ياغلىق زەيتۇن، ئەنجۈر ھەم ئاشلىق ئۆستۈرۈلىدۇ. غەربىدىكى يەر ۋەزىيىتى پەسرەك رايونلار بىلەن شەرقتىكى ئىئوردان دەريا ۋادىلىرىدا ئېپلسىن، بانان، ئامېرىكا ئامۇتى، كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جايدا نۇرغۇن مۇقەددەس دىنىي ئورۇنلاr بار. ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ساياھەتچىلىك مۇھىم كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.