بېلوگورىزونتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
برازىلىيە ئېگىز تەكشىلىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئېسپىنياسۇ تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر. ىناس — ژىراس شتاتىنىڭ مەركىزى، برازىلىيە بويىچە سانپاۋلو، رىئو — دىې — جانېرو شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 560 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر 1895 - يىلى قۇرۇلغان. 1897 - يىلى شتات مەركىزى بولغان. بېلوگرىزونتى شەھىرى برازىلىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. سانائىتىدە كان سانائىتى، پولات - تۆمۈر، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سېمونت، پاراۋۇز، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىي قىلغان. كۆمۈر، مارگانىتېس،ئالتۇن، ئالماس قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. شەھەردە يەنە ئاتوم ئېلېكتر ئىستانىسى ئايرودرومى، ھەرخىل مەكتەپلەر، تارىخىي ئورۇنلار بار.