UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرسوكوترا ئارىلى

سوكوترا ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرەب دېڭىزىنىڭ غەربىگە، سومالى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان ئارال. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھىندىستان، غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا ئارىلىقىدىكى مۇھىم سودا - قاتناش تۈگۈنى بولغان. ئۇ مەمۇرىي جەھەتتىن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يەمەن خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارال ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن 290 كىلومېتىر، سومالى يېرىم ئارىلىدىن 241 كىلومېتىر يىراق تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 3576 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 137 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 40 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئاھالىسى 12 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئەرەبلەر بىلەن نېگىرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئارىلاx قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەر بولۇپ، ئەرەب شىۋىسىدا سۆزلىشىدۇ. سوكوترا ئارىلىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدا تار دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى، ئىچكى قىسمىدا ئېگىزلىكى تەخمىنەن 200-800 مېتىر كېلىدىغان خاڭگېر تېغى بار. بۇنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1372 مېتىر كېلىدۇ. تاغ رايونلىرىدا تېرىقچىلىق قىلىشقا قولاي جىلغىلار بار. بۇ ئارالدىكى خەلق بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە مەرۋايىت ئېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كاۋچۇك، خورما، كېۋەز، تاماكا، پۇراقلىق ماتېرىياللار، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. چەتكە سېرىق ماي، قۇرۇتۇلغان بېلىق گۆشى، پۇراقلىق ماتېرىياللار ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر